# ئىزچىمەن ## Posts - [ھارماس قەلەمكەش ئابلىز ئابدۇلھەق ئەپەندى تۈركىيەدە ۋاپات بولدى](https://izchimen.org/hello-world/): ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان 2023.01.27 0:00 / 6:44 مۇھاجىرەتتىكى ھاياتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان، ئون نەچچە پارچە كىتاب-يازمىلارنى يازغان ۋە تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابلىز ئابدۇلھەق ئەپەندى، 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 73 يېشىدا تۈركىيەنىڭ تېكىرتاغ شەھىرىگە قاراشلىق چەركەسكۆي مەھەللىسىدە ئالەمدىن ئۆتتى. مەرھۇمنىڭ نەۋرە سىڭلىسى مۇنەۋەر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەرھۇم ئابلىز ئابدۇلھەق بۇران 1950-يىلى تۇرپان ۋىلايىتى توقسۇن ناھىيەسىنىڭ ئاقتاش رايونىدا دۇنياغا كەلگەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئائىلىسى دىندار بىر ئائىلە بولۇپ، ئابلىز ئبدۇلھەق ئەپەندى ئەينى زاماندا توقسۇننىڭ قازىسى بولغان تۆمۈر قازىنىڭ نەۋرىسى ئىكەن. ئۇ كىچىك ۋاقتىدا ئائىلىسى بىلەن ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كەتكەن ئىكەن. مەرھۇمنىڭ ئۆزى يېزىپ قالدۇرغان قىسقىچە تەرجىمەھالىدا يېزىلىشىچە، ئۇ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۈرۈمچى 5-ئوتتۇرا مەكتەپتە […] ## Optional - [Agent (MCP protocol)](websites-agents.hostinger.com/izchimen.org/mcp) [comment]: # (Generated by Hostinger Tools Plugin)